رىسالەت مەردان بلوگى
for my baby
ئۇزىماقتا ھەممە نەرسىلەر
قولۇمدىكى بىر ئۇچۇم قۇمدەك
ئۇزىماقتا كېتىپ كەلمەسكە
سېنى ھېلىھەم سېغىنىمەن
سېنى ھېلىمەن ياد ئېتىمەن
ئەي كونا يىل
كۆزۈمدىكى بىر تامچە ياشتەك.
سەندە ئايرىلدىم بىر قانىتىمدىن
سەندە ئېرىشتىم نۇرغۇن نەرسىگە
كۆز ياشلارغا چىلاندى...
شېئىر يازغۇم كېلىۋاتىدۇ
پەيلىرى ئەمدى يىتىلگەن قۇشتەك
ئاسماندا تىتىرەپ ئۇچقۇم كېلىۋاتىدۇ
بىر ھاياجاندىن تىتىرەپ كىتىۋاتىمەن
بىر مىسىرادىن ئۇچۇپ كىتىۋاتىمەن
بىر ئېغىز سۆزۈڭنى ئاڭلاپ يىراقتىن
سېنى باغرىمغا باسقۇم كېلىۋاتىدۇ...
سەن بىلم...
تويۇڭغا بارالمىدىم، بارالمىدىم
ئۆزۈم بۇ يەردىمەن، خىيالىمدا كىزەر رىستۇران.....
:'(
سىڭلىم، سېنى ئۆزۈم ئۇزىتىپ قويماقچى ئىدىم،
ئاپئاق چۈمبىلىڭ ئاستىدىكى بەخىتكە تولغان چىرايىڭنى كۆرمەكچى ئىدىم،
توي پولۇيىڭنى يىمەكچى ئىدىم،
رىستۇراندا، بەخىت...
كۈتمەكتىمەن بەلكىم نىمىنى
ئاھ، ئىچىمدە كۆيمەكتە بىر ئوت
بىر ئەتىرگۈلمەن غەمكىن ئېچىلغان،
بەرگىلىرىم كۆز يېشىمنى سۈرت
دېرىزىدىن قاراپ يىراققا
ئۆز دەردىمنى قىلدىم تاماشا
مەن شېئىرنى يازمىدىم بەلكى،
شېئىر مېنى يازماقتا قايتا
كۈتۈش كوچى...
سەددىچىن سېپىلىغا
چىقىشقا بىر كۈن بۇرۇنلا تەييارلىق قىلىپ قويدۇم، يەنى تىلىفۇنۇمغا توك قاچىلاپ،
ئاپپاراتنىڭ مېيىغا توك قاچىلاپ، يەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ دىگەندەك، چۈنكى سىنىپ
مەسئولىمىز ئەتتىگەن سائەت ئالتە يېرىمدا تاماققا چىقىپ، يەتتىدە ئاپتۇب...
بېيجىڭغا كېلىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايقىدىم ۋە ھېس قىلدىم. بۇ ھەقتە خاتىرەمگە
جىق تۇيغۇلىرىمنى يېزىۋەتتىم ۋە تېشىغا <<ئايتاراتىنىڭ قەغەز نۇسخىلىق مىكرۇ
بىلۇگى >> دەپ يېزىۋالدىم. بولۇپمۇ دەرس ۋاقتىدا مۇئەللىمنىڭ سۆزلىگىنىنى
ئاڭلا...
قۇم يامغۇرى
چاي
ئىچكەچ ئولتۇرۇپ
قۇم يامغۇرىغا قارايمەن ئۈنسىز
قۇمنىڭ كۆز بىلەن كۆرگىلى
بولمايدىغان دانچىلىرى
دېرىزىدىن كىرىپ كېلىدۇ
كىرىپ كېلىدۇ يۈدۈپ
كەچمىشىنى
مەن بىناۋا
قۇملار چەكسىز
دېرىزەمدىكى ئەينەكتە قۇملارنىڭ
يېشى
پىيالەمدى...
رىسالەت مەردان
1
مەرەمخان
ئېرىنى ئۇزىتىپ بولۇپ، ھاسىرىغىنىچە كاتقا كېلىپ ئولتۇردى. يەلپۈگۈچنى ئېلىپ
يەلپۈگىنىچە ئەترا...
كۈن چىقماقتا تاشلار ئىچىدىن
نۇر
چاچىدۇ سوغۇق ئورمانلار
ئاپتاپ سۇنۇپ ئولتۇرۇپ جېنىم
سېغىنىمەن ئەي سۆيۈملۈك
يار
سېنىڭ ئاپتابىڭ كەم قالدى ماڭا
سېنىڭ مېھىرىڭ يەتسىمۇ
گەرچە،
بامبۇك ئورمان ئارا ماڭغاندا
سېغىنىمەن سېنى بىر مەرتە
تاش
ئورمان جىمجى...- مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستۇتىغا 2007-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇنجى قەدەم باسقان
ئىدىم. ئۇ كۈنى يامغۇر ياغدى، راسا چىلىقلاپ ياغدى، ئاپتۇبۇس دېرىزىسىدىن سىرتقا
مۇڭلىنىپ قاراپ ئولتۇرۇپ، تولۇق كۇرسنى بۇ يەردە ئوقۇغان، ماگىستىرلىقنى مەن بىلەن
ئوقۇغان بى...
قارا قەھۋە، ئەي قاپقارا قەھۋە
قايسى تۇپراقنى يېرىپ چىققانسەن ؟
قايسى قولدىن مېڭىپ چىققانسەن؟
ئىستاكاندا سۇغا چىلىشىپ
قايسى كۈنلەرنى كۆرۈپ چىققانسەن ؟
دېرىزىدىن قاراپ يىراققا
ئىچىۋەتتىم قىرتاق بولساڭمۇ
كۆز يېشىمغا ئوخشايسەن بەزەن
سەن قاپقارا، ...
بۈگۈن قويغان-تۇتقىنىمنى بىلمەيلا قالدىم، قايغۇ مېنىڭ ئالدىمدىلا تۇراتتى، مەن
ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇشقا ھەركەت قىلمىدىم، بەلكى ئۇنىڭغا يۈزلەندىم.
چوڭنىلىرىمدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمەن، ئاۋال ئاپامنىڭ ئىككى ئاچىسى تۈگەپ كەتتى،
ئەمدى يەنە بىر چوڭن...
بۈگۈن
يەنىلا ۋاقچە ئورنۇمدىن تۇردۇم، ئۆتكەن كۈنى كۆرگەن چۈشۈم يادىمغا كەلدى. مېنىڭ
قەشقەرگە ياتلىق بولۇپ كەتكەن تونۇشۇم چۈشۈمگە كىرىپتۇ. ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق يېقىن
پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتىمىز. ئەمما ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىگىلى 10 يىل بولدىمىكى، توي
قىلىپ ...
كىچە يامان چۈش كۆرۈپ قوپۇپتىمەن، قوپۇپلا يۈرىكىم شۇنداق ئەنسىز سوقۇپ كەتتى.
ئەسلىدە سول يېنىمنى بېسىپ يېتىپتىكەنمەن. ئورنۇمدىن تۇرۇپ دورامنى يەپ ئەمدى ياتاي
دىيىشىمگە، بىر توردىشىم يوللىغان ئۇچۇرنى كۆرۈپ قالدىم. شۇ ئۇچۇر بويىچە بىر
رومان...
5-قىسىم
بەشەيلەن تاماقنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن بەك ئۇزاق مېڭىپتۇ،
لېكىن بۇ يايلاقنىڭ زادى چېتىغا چىقالماپتۇ. يەنىلا كۆكتۈرۈكنىڭ ئىچى پۇشۇپتۇ.
بۇ يايلاق ئۇزۇن يايلاق
بۇغا مارال ئوتلىغان،
بىز بەشەيلەن جەم بولۇپ
ئۇزۇن يولنى قىسقارتقان....
6-قىسىم
ئالتەيلەن شۇ كېچىسى خۇددى بوۋاقتەك خاتىرجەم
ئۇخلاپتۇ، ھەتتا سەبىي بالىلىق چاغلىرىنى، ئۆزىنىڭ بوۋاق ۋاقىتلىرىنى چۈش كۆرۈپتۇ.
ئۆزلىرىنى يۆگەكتە، بۆشۈكتە ياتقاندەك ھېس قىلىپ، شېرىن تۇيغۇ ئىچىدە
ئەللەيلىنىپتۇ. ئەتىسى تاڭ سۈزۈلۈشتىن ب...
سەھەر ئۆزىنىڭ نۇرىنى چاچتى
مېنىڭ جىمغىنە تۇرغان قەلبىمگە.
مەن خوشال ئۆزۈمدىن موشۇ كۈنلەردە.
ئاتقان تاڭغا، يۇلتۇزغا رەھمەت
مەندىن ئۇلارغا چەكسىز مۇھەببەت.
ھەمدۇسانالار بولسۇن تۈگىمەس،
مەندە بىر ئوت بار پەقەتلا ئۆچمەس.
مەن ئۆزۈملىكىمنى ئەسل...
3-قىسىم
ئۇلار سەپەرگە چىقىپتۇ، بۇينىنى باغلىغاندەك، بىرسى ئۇلارنى تارتقاندەك مەجبۇرى مېڭىپتۇ، ئىلىم يوغان قۇلۇپ ياسىتىپ ئۆيىگە ساپتۇ. تاڭخۇلۇلۇلاردىن بىر تاغار ئېلىۋاپتۇ.
-يولدا كىملا ئۇچرىسىا تاڭخۇلۇ ساتىمىسام ئۆينىڭ ئىجارىسىنى ...
2-قىسىم.
ئوردا ئىچى، تەخىتتە ئۇزۇن شاھانە تون كەيگەن باغداش كېرىلىپ ئولتۇرىدۇ، يېنىدا ئەلقۇندى قولىغا بىر 50 سۇڭلۇق خاتىرە كومپىيۇتىرىنى ئېلىپ، تۇتاشتۇرۇش ئويۇنى ئوينايدۇ(لىيەنلىيەنكەن)، ئۇنىڭ قېشىدا ئاقىللاردىن ئويغانغان زىمىن، ئەركىم، سۇمران قا...- ھەبىبۇللا مىجىت
بەزىدە بارلىق سەنئەتلەر ئىچىدە شېئىرىيەت ئىچكى مېھنەتنى ئەڭ تەلەپ قىلىدىغان سەنئەتمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن. ئۇ شائىردىن تىنىمسىز بېغىشلاشنى، ھەر ۋاقت ئۆز كويىدا يۈرۈشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىدۇ. قەلەمنىڭ بىر كۈن تاشلىنىپ ...
1-قىسىم
زامانلارنىڭ زامانسىدا، ئوتۇنلارنىڭ كامارسىدا، ئىككى تاغنىڭ نېرىدا، ئۈچ قۇملۇقنىڭ نېرىدا، ئالتۇن تاغ بىلەن قارا قۇرۇم تۇتاشقان جايدىن مىڭ يول يىراقلىقتا، ئېيىق ئوۋلىغان يەرنىڭ كەينىدە باغداش دەپ بىر يۇرت بار ئىكەن، قىرغاۋۇل يەردىكەن، قۇ...- قىشنىڭ ئاخىرى
قىش ئاپئاق رومال ئارتقان ناتىۋان ئايال
باھار يېشىل گۈلچەمبىرەك تاقىغان مەسۈم قىز
مەن ئاسمانغا باقتىم ئۈمىدتە
ئاسمان ماڭا باقتى بىر پەسكە
قىشنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى
دېرىزىدىن قاراپ يىراققا
ئۇنتۇيمەن ئۆزۈمنىڭ پەرىشانلىقىنى
مەن بىر قۇرۇت...
ھاجى ئىمىن تۇرسۇنغا مەرسىيە
رىسالەت مەردان
قاش-كۆزىنى ۋاقىت ئاقارتقان
ئۇ ۋاقىتنى ئاقارتقان ئاپئاق.
ھاسا تايىقى چىناردىن ئىدى
ماڭسا تىترەيتتى دەرەختە ياپراق.
ھاجى ئىمىن تۇرسۇن كەلدى،
بىر توپ دەرەخ سۈكۈتتە تۇردى.
جىم ئاڭلايتتى تارىخ، كەچمى...
بوۋاقلار زۇكام بولغاندا ئۆيدە داۋالاش پىرىنسىپلىرى
بوۋاقلار بىر يىل ئىچىدە بەش-ئالتە قېتىم زۇكام بولۇشى تەبئىي ئەھۋالدۇر، زۇكام بولغاندا بۇرنىدىن سۇ ئېقىپ، بۇرۇن پۈتۈپ، يۆتىلىپ، گېلى ئاغرىپ، چارچاپ، ئىشتىھاسىزلىنىپ، قىزىپ قالىدۇ. بىر ياشقا توشمى...
قاراڭغۇلۇق ئىچىدە
قاراڭغۇلۇق كىچىنىڭ جاراھىتى (1)
مەن قاراڭغۇلۇقنىڭ كۆزى
بىر قولدۇر، ئۇ بىر قول
قاراڭغۇلۇقتىن ماڭا سوزۇلغان.
يېرىم كېچىدە
تاشتەك قاتتىق خىيال ئىچىدىن
تارتىپ چىقتىم ئۆزۈمنى جىمجىت
قاراڭغۇ تۈن قىستالماقتا
دېرىزەمنى چىكەر تۈن كۈ...- بازار ئايلىنىش
ھاۋا ئىسسىپ قاپتۇ
كۆڭلىدە بىخ چىقىرىپتۇ يوپۇرماقلار
كىشىلەر كوچىلاردا يۈرەر ئايلىنىپ
مەن يۈرىمەن يۈرىكىمدە
ئالما سېتىۋاتقان، توخۇ كاۋىپى پىشۇرىۋاتقان
قېتىق سېتىۋاتقان ....قىزلارنىڭ كۆڭلىدە نىمە خىيال بار؟
بەش بالىسى بىلەن تاشلانغا...
چاقىلىق ئىككى يىلنىڭ ياقى بەك ئۆزگىرىپ كىتىپتۇ، بولۇپمۇ چاقىلىق ناھىيىلىك مۇزىينىڭ بىناسى بەكمۇ ئۆزگىچە سېلىنغان ئىكەن، لېكىن بىز ماشىنىدىلا ئۆتۈپ كەتكەچكە رەسىمگە تارتالماي قالدىم، چاقىلىقتا بىزنى تارىخ ئالىمى ‹‹كروراننىڭ سىر...- سەن يوق كۈنلەردە
مەن خىيالغا پاتتىم لىققىدە
سەن يوق كۈنلەردە
كىچەلمەيمەن سېنىڭدىن يەنە
كۆزلىرىڭگە پاتقۇم كېلىدۇ
يۈرىكىڭدە ياتقۇم كېلىدۇ
ئاھ، پايانسىز خىيالىڭ ئارا
مەست ئات بولۇپ چاپقۇم كېلىدۇ
سەن يوق كۈنلەردە
ئاي چاچمىدى نۇرىنى ھەتتا
سەن يوق كۈ... دادا سېنى بەكلا سېغىندىم
كۆز ياز بولۇپ بالقىدى ئازاپ
مەيدەمدە بىر نەرسە كۆيدى لەپىلدەپ
تېلىفۇندا ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ
دادا، دادا، جان دادا
ئىسىڭدە بارمۇ مەن تۇغۇلغان چاغ
خوش بولغانمۇ شۇ كۈنى بەكلا
قوللىرىڭدا ۋىلىقلاپ كۈلسەم
كىتەر دىگەنمۇ يىراق-يىراقق...- رىسالەت مەردان
قومۇلدا قار يېغىپتۇ
تېلىفۇندا كۆرگەندەك بولدۇم ئاق قارنى
دادام قويلارغا ئوت بىرىدۇ،
ئاپام ھويلىدا
ئاق پاختەكتەك قارلارنى تازلايدۇ
مەن تېلىفۇندا
ئاق قاردەك ئاق يوللۇق بولۇڭلار دەيمەن
تاراتى تاغلىرى ئارتىدۇ رومال
ئىشىك ئالدىمىزدىكى ...







