• ICONkona yilning axirqi kuni

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://risaletmerdan.blogbus.com/logs/184349385.html

    ئۇزىماقتا ھەممە نەرسىلەر قولۇمدىكى بىر ئۇچۇم قۇمدەك ئۇزىماقتا كېتىپ كەلمەسكە سېنى ھېلىھەم سېغىنىمەن سېنى ھېلىمەن ياد ئېتىمەن ئەي كونا يىل كۆزۈمدىكى بىر تامچە ياشتەك. سەندە ئايرىلدىم بىر قانىتىمدىن سەندە ئېرىشتىم نۇرغۇن نەرسىگە كۆز ياشلارغا چىلاندىم نەچچە سېغىنىشتىم قايتمىدىم يەنە. شۇنداق، سەن كېتىسەن ئايرىلىپ بىزدىن قول پۇلاڭلىتىپ قالىمىز غەمكىن كۆز ئالدىمىزدا يېڭى يىل ھىدى ھەل بىرىلگەن سېرىق ئالتۇندىن بىزنى قىزىقتۇرار يېڭى يىل كۈنى چۈشكىچە ئۇخلاپ ئۆتىدۇ بەلكىم ئازراق قەھۋە دەملەپ ئىچەرمەن ھەسرىتىمدىن سېلىپ بىر چىمدىم. كونا يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى سەندە ئوبدانراق ياشىۋالغۇم بار. سېنى چىڭڭىدە باغاشلاپ تۇرۇپ كۆڭۈل سىرىمنى تۆكىۋالغۇم بار. سېنىڭ ئىچىڭدە ئېزىلىپ تۇرۇپ ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇپ كەتكۈم بار....


    收藏到:Del.icio.us